Home / ElChapo88 / Tassanou تسانو
Tassanou تسانو by ElChapo88
Hip-Hop/Rap

Tassanou تسانو

by ElChapo88

Release Date: 2024-12-28

Lyrics

تار كوچا
مەۋلان مەمتىمىن / شىرئەلى ئەلتېكىن / ئابدۇقادىر يارئېلى
كۆز ئېچىپ ئالەمگە تۆرەلگەندە مەن
شۇ گۈزەل ھۆسنىڭگە باقتىم تار كوچا
جان ئانامنىڭ باغرىدەك باغرىڭغا مەن
قانمىدىم باغرىمنى ياقتىم تار كوچا
جان ئانامنىڭ باغرىدەك باغرىڭغا مەن
قانمىدىم باغرىمنى ياقتىم تار كوچا
… مۇزىكا …
بويلىرىڭدىن ئۆتكىنىمدە ھەر قاچان
تەلمۈرۈپ تويماي قارايمەن تار كوچا
كىم سېنى تار دەيدۇ قوينۇڭ بىر جاھان
گۈل- چىچەك رەيھان پۇرايسەن تار كوچا
كىم سېنى تار دەيدۇ قوينۇڭ بىر جاھان
گۈل- چىچەك رەيھان پۇرايسەن تار كوچا
… مۇزىكا …
سەندە مىڭ ئانىنىڭ مىھرى جەم
شۇڭا مەن ئىشقىڭدا ياندىم تار كوچا
مەيلى پارىژ مەيلى ئىستانبۇلدا مەن
سېغىنىش قەلبىمدە گۈلخان تار كوچا
مىنى تۇغقان جان ئانامسەن تار كوچا
مىنى ئۆستۈرگەن ئاتامسەن تار كوچا
شۇنچە بەرنا قىز- يىگىتكە پاسىبان
بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
شۇنچە بەرنا قىز- يىگىتكە پاسىبان
بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا
دىلبەر ماكانسەن تار كوچا